فىرانسىيە: قاراباغدىكى ئاتالمىش ​​ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

فىرانسىيە مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى يائېل براۋن پىۋېت، دۆلىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قاراباغدىكى ئاتالمىش ​​ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1932650
فىرانسىيە: قاراباغدىكى ئاتالمىش ​​ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: براۋن پىۋېت، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەرمېنىيەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ، فىرانسىيەنىڭ قاراباغدىكى ئاتالمىش ​​ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قىلمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە خەلقئارا قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قاراباغدىكى ئاتالمىش ​​ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر