رۇسىيە قىسىملىرى باب ناھىيەسىگە ئورۇنلىشىشقا باشلىدى

رۇسىيە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇقتىن تازىلانغان باب ناھىيە مەركىزىنىڭ جەنۇبىدا بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايوندا ئورۇنلىشىشقا باشلىدى.

1932554
رۇسىيە قىسىملىرى باب ناھىيەسىگە ئورۇنلىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى باب ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەبۇ جەببار يېزىسى ئەتراپىدا 11-يانۋاردىن (2023) تارتىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەبۇ جاببار يېزىسى باب ناھىيەسى جايلاشقان ئالدىنقى سەپكە بەش كىلومېتىر كېلىدۇ.

باب ناھىيەسى تۈركىيە ئەمەلگە ئاشۇرغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن 2017-يىلى فېۋرالدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان ئىدى.

سۈرىيە ۋەزىيىتىگە 2015-يىلى 30-سېنتەبىر قول تىققان رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ، ھاسەكە، راققە ۋىلايەتلىرى، ھەلەبنىڭ مۇنبىچ، تېل رىفات ۋە كوبانى ناھىيەلىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ| پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى جايلاردىمۇ نۇرغۇن ھەربىي بازىلىرى ۋە ھەربىي نۇقتىلىرى بار.

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىدىكى لازقىيە ۋىلايىتىدە ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار، ئەمما تارتۇس ۋىلايىتىدە ھازىرچە ھەربىي بازىسى يوق.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر