توكيو خىتاينىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ، قارارنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1931662
توكيو خىتاينىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرىدا خىتاينىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىپ، چېگرالىرىنى ئېچىۋېتىشىدىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى  دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۇقۇم تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىنى شەرت قىلدى. بېيجىڭ توكيونىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

ياپونىيە كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى ماتسونو خىروكازۇ، خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارىنى «كوۋىد -19 تەدبىرلىرىدىن ھالقىغان سەۋەبلەر» تۈپەيلى چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ «بىر تەرەپلىمە ۋە ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق» ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى مەزكۇر قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى.

توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى مەجبۇرىي يۇقۇم تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش سىياسىتىنى ئاقلىغان ماتسونو، بۇ تەدبىرنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياپونىيەگە بىردىنلا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي 8-يانۋار(2023) كوۋىد-19 يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن يولغا قويغان چېگرا كونترول تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىپ، دۇنياغا ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر