رۇسىيە: ناتو بىلەن ياۋروپا خىتاي بىلەن  سىياسىي جۇغراپىيەلىك رىقابەتكە تۇتۇش قىلدى

رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىرلەشمە خىتابنامىگە «غەربنىڭ ئۈستۈنلۈك پەلسەپەسىگە مەدھىيە» دەپ باھا بەردى.

1931735
رۇسىيە: ناتو بىلەن ياۋروپا خىتاي بىلەن  سىياسىي جۇغراپىيەلىك رىقابەتكە تۇتۇش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، رۇسىيە بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە خىتابنامە ئىمزالىشىغا  نارازىلىق بىلدۈردى.

زاخاروۋا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتونىڭ دۇنيا مىقياسىدا يېڭى بىر ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، خىتاي بىلەن  سىياسىي جۇغراپىيەلىك رىقابەتكە تۇتۇش قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، بىرلەشمە خىتابنامىگە «غەربنىڭ ئۈستۈنلۈك پەلسەپەسىگە يەنە بىر مەدھىيە» دەپ باھا بەردى.

ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىرى ئۈچۈن بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان زاخاروۋا، غەربنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا بۇ قوراللارنىڭ ياردىمىدە قايتا شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك دۈشمەن مۇھىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى گۈل - گۈلىستانلىق بىر باغ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيانى بۇ باغقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئورمانغا ئوخشاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن زاخاروۋا، ئەمەلىيەتتە بۇ «ئورمان» نىڭ ياۋروپاغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بىر قۇتۇپلۇق دۇنيا يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتونىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى زاخاروۋا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇنىسى ئېنىقكى، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرگە قاراتقان ئۇرۇشقاق، جېدەلخور پوزىتسىيەلىرى، دۆلەتلەرنى <بىز> ۋە <ئۇلار> دەپ ئايرىشقا ئۇرۇنۇشلىرى، توقۇنۇشلارنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئاجىزلىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر