پۇتىن رەئىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1931469
پۇتىن رەئىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت رەئىسىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلغان باياناتتا: «خەلقئارا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؛ ھەر ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان ئاستانا رامكىسى دائىرىسىدە ئورنىتىلغان يېقىن ماسلىشىشقا ئىجابىي باھا بەردى. سۈرىيە ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر