ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش باياننامىسى ئىمزالىدى

ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ئىمزالغان بىرلەشمە باياننامىدە، خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان دەۋالىرى ۋە ئاشقۇن سىياسەتلىرىنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خىرىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

1930856
ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش باياننامىسى ئىمزالىدى
nato.jpg
NATO ZİRVE 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇكرائىناغا ياردەمنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىرلەشمە باياننامە ئىمزالاندى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، بىرلەشمە باياننامىغا ئىمزا قويدى.

2016 - ۋە 2018 - يىللىرى ئىمزالانغان باياننامىغا ئاساسەن تەييارلانغان يېڭى باياننامىدە، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياننامىدە، «رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېيىلدى ۋە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەندى.

ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇكرائىنادىن دەرھال ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىرىپ، ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ تەۋرەنمەستىن داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇستەبىت ئاكتىيورلارنىڭ ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياننامىدە يەنە، «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت دەۋردە ياشاۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئېشىۋاتقان دەۋالىرى ۋە ئاشقۇن سىياسەتلىرى بىز ھەل قىلىشقا تېگىشلىك خىرىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دېيىلدى.

باياننامىدە، ياۋروپادىكى نازۇك ۋە تۇراقسىز ۋەزىيەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىبلەرگە شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇن ئاساس يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

بۇنداق بىر مەزگىلدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن باياننامىدە يەنە، ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدا كوللېكتىپ مۇداپىئەنىڭ ئاساسىنى ناتونىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «تېخىمۇ كۈچلۈك ياۋروپا مۇداپىئەسى» نىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە ناتو بىلەن تولۇقلىنىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياننامىدە مۇنداق دېيىلدى:

«بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى ۋە خىرىسلارنىڭ دائىرىسى، چوڭلۇقىدا زورىيىش بولغانلىقى ئۈچۈن شېرىكلىكىمىزنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقىمىز ئاساسىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىمىز.»

ھەمكارلىق كۈچەيتىلىدىغان ساھەلەر، بولۇپمۇ گېئوئىستىراتىگىيەلىك (جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئىستىراتىگىيەلىك) رىقابەت، تاقابىل تۇرۇش كۈچى، ھالقىلىق ئۇل- ئەسلىھەلەرنى قوغداش، ئېشىۋاتقان ۋەيران قىلغۇچى تېخنىكا، ئالەم بوشلۇقى، كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان تەسىرى، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئۇچۇر كونترول قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ رەتكە تىزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر