بىرازىلىيەدە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

بىرازىلىيەدە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە پايتەخت بىرازىلىيە فېدېراتسىيە رايونىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئاندېرسون توررېس كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە «سەل قاراش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

1931134
بىرازىلىيەدە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، سوتچى ئالېكساندرا دې مورائېس سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى توررېسنى 8-يانۋاردا (2023) سابىق پىرېزىدېنت بولسونارو قوللىغۇچىلىرىنىڭ كونگرە بىناسىغا، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە ۋە ئالىي سوت بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە، پايتەختنىڭ خەۋپسىزلىك مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

سوتچى مورائېس توررېس ئۈستىدىن قولغا ئېلىش قارارى چىقارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان.

سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە پايتەخت بىرازىلىيە فېدېراتسىيە رايونىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىك مىنىستىرى توررېس ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، دەم ئېلىش ئامېرىكاغا بارغانلىقىنى ۋە بىرازىلىيەگە قايتىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، توررېسنىڭ بىرازىلىيەدىكى ئۆيىنى ئاختۇردى.

بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى ۋىدېئولاردا، ئاشقۇن ئوڭچى بولسونارو قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا بېسىپ كىرگەندە، بەزى ساقچىلارنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقى ۋە يانفونلىرى بىلەن بۇ جەرياننى رەسىمگە تارتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

توررېس سابىق پىرېزىدېنت بولسونارو دەۋرىدە 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە ئەدلىيە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئارقىدىن پايتەخت بىرازىلىيە فېدېراتسىيە رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

بولسونارونىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ بىلىنىدىغان توررېس 8-يانۋاردىكى كونگرە بىناسىغا، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە ۋە ئالىي سوت بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدە «سەل قاراش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

بىرازىلىيەدە 30-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 2-ئايلانما سايلامدا، سول قاراشقا ئىگە لۇلا دا سىلۋا %50.9 ئاۋازغا، ئاشقۇن ئوڭچى بولسونارو %49.1 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى.

سايلامدا غەلىبە قىلغان لۇلا دا سىلۋا 2023-يىلى 1-يانۋار پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

بىرازىلىيەدە سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بولسونارونىڭ قوللىغۇچىلىرى پات-پات نامايىش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر