زېلېنسكىي: رۇسىيە روژدېستۋو بايرىمىدىكى 36 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلمىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئورتودوكسلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان 36 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلىدە رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1929447
زېلېنسكىي: رۇسىيە روژدېستۋو بايرىمىدىكى 36 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي سىنلىق ئۇچۇرىدا ئورتودوكسلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يىل دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش ۋە مۇداپىئە ئىمكانىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم سىياسىتىنى قوللىغان رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار قارارنامىغا ئىمزا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ،  «بۇ كىشىلەرگە قارىتا كەلگۈسىدىمۇ ئېمبارگو قارارى چىقىرىدۇ» دېدى.

زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئالدىنقى كۈنى سائەت 12:00 دىن ئېتىبارەن باشلانغان 36 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ،  «دۇنيا بۈگۈن موسكۋا دائىرىلىرى قىلغان ھەرقانداق سۆزنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى. ئاتالمىش ​​ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بىر نەرسىلەرنى دېدى، ئەمما ھەقىقەت شۇكى، رۇسىيە توپ ئوقلىرى بىلەن باخمۇت ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىنى قايتىدىن بومباردىمان قىلدى» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا ھەقىقىي تىنچلىقنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىن تولۇق چېكىنگەندىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر