ئەردوغان: بۈگۈنكى كۈندە رايونىدا ۋە دۇنيادا سۆز ساھىبى بىر تۈركىيە بار

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈنكى كۈندە رايونىدا ۋە دۇنيادا سۆز ساھىبى، قۇدرەتلىك، ئۇلۇغۋار نىشانلار ۋە ئىستىراتېگىيەلىك پىلان – لايىھەلەرگە ئىگە بىر تۈركىيەنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1929371
ئەردوغان: بۈگۈنكى كۈندە رايونىدا ۋە دۇنيادا سۆز ساھىبى بىر تۈركىيە بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئانتاليادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بەزى مۇئەسسەسەلەرنى ئاممىۋى ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىدىن ئۇرۇشقىچە ھەر خىل كىرىزىسلار ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن، ئېنېرگىيەدىن يېمەكلىككىچە ھەر ساھەدە پۈتكۈل دۇنيا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلىتىمىزنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىدىغان مەنزىلگاھىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.»

«بۈگۈنكى كۈندە رايونىدا ۋە دۇنيادا سۆز ساھىبى، قۇدرەتلىك، ئۇلۇغۋار نىشانلار ۋە ئىستىراتېگىيەلىك پىلان – لايىھەلەرگە ئىگە بىر تۈركىيە بار.»

«مۇھىم ھەم ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇش ۋە خىزمەت ئىشلەش، مۇلازىمەت قىلىش سىياسىتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە،  20 يىل ئىچىدە ھەر ساھەدە يېڭى سېلىنمىلار ۋە يېڭى لايىھەلەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى پارلاق يۈز يىلغا قەدەم تاشلاشقا تەييارلاۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، 2023-يىلى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى خەلقىمىزگە قىلىدىغان يېڭى خىزمەتلەر ۋە يېڭى لايىھەلەردىن تەشكىل تاپقان زىياپەتلەر ئارقىلىق تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر