ئۇگاندادا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلدى
ئۇگاندادا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 16 ئادەم قازا قىلدى، 21 ئادەم يارىلاندى.
1929155
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كىيوگا ساقچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى پاترىك جىممىي ئوكېما، ۋەقەنىڭ كامپالا-گۇلۇ تاشيولىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 16 ئادەم قازا قىلدى، 21 ئادەم يارىلاندى. 12 كىشى نەق مەيداندا، 4 كىشى دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.»