پاكىستان پالاتاسى ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتتى

پاكىستان پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد سادىق سانجرانى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باسقۇچىدىكى تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1928208
پاكىستان پالاتاسى ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سادىق سانجرانى، يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان خەلقى ۋە پالاتاسى نامىدىن، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باسقۇچىدىكى تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتكىنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

بۇ ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان «يادرولۇق پارتلاش» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سانجرانى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  ھەم مىسلىسىز تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، ھەمدە ھەر ئىككى  تەرەپكە دەل ۋاقتىدا ۋە نەتىجىلىك مۇداخىلىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆز ئالدىغا يەر شارىۋى پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى» ئارقىلىق رايوننىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەقىقىي دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭلا ئەمەس، رايوننىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدىغان خەلق رەھبىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سادىق سانجرانى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پەقەت ئۆز دۆلىتى ياكى رايونى ئۈچۈن قىممەتلىك رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىنچلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە سۆيگۈ تەلىماتلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئەردوغاننىڭ ئىسلام تەلىماتلىرى توغرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى داۋاملىق تۈگىتىپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى باراۋەرلىك ئاساسىدا قوغداشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇ ۋەجىدىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر