فىلىپپىن بىلەن خىتاي بىۋاسىتە ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

خىتاي بىلەن فىلىپپىن، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارا بىۋاسىتە ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1928491
فىلىپپىن بىلەن خىتاي بىۋاسىتە ئالاقە مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېرناناند ماركوس جىرنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ «پۈتكۈل مۇناسىۋەتلەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىختىلاپلارنى تىنچ ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «رەھبەرلەر ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى تەرەپ مەسلىھەت مېخانىزمىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا ۋە تىنچ  ئوكيان ئىشلىرى باشقارمىسى بىلەن فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشى قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى قاتناش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى ۋە تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، يىللىق مۇداپىئە بىخەتەرلىك يىغىنلىرىنى باشلاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىلىپپىن رەھبىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇل ئەسلىھە، پۇل-مۇئامىلە ۋە ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ماركوس 6-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 2022-يىلى نويابىردا تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنىدى.

خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىيالىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنىڭ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا، توقۇنۇش مەسىلىسىنىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقى، ئەمما بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە كۈنسېرى ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناچارلاشتۇرماسلىققا مايىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر