بۇركىنا فاسو فىرانسىيە باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى

بۇركىنا فاسو فىرانسىيەنىڭ ۋاگادۇگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇك خاللادنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلاپ، دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

1927768
بۇركىنا فاسو فىرانسىيە باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ھۆكۈمى باياناتچىسى ژان ئېممانۇئېل ئوۋېدراگو، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2019-يىلى 9-سېنتەبىردىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ ۋاگادۇگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن خاللادنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئەمما، ئۇ، فىرانسىيە باش ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش سەۋەبىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

بۇركىنا فاسو ئالدىنقى ئايدا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا رەسمىي مەكتۇپ يوللاپ، ۋاگادۇگۇ باش ئەلچىسى خاللادنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇركىنا فاسو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەيلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ماسلاشتۇرغۇچىسى باربارا مانزىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭ دەرھال چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇركىنا فاسو ئالدىنقى ئايدا ئىككى فىرانسىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان، فىرانسىيەنىڭ «خەلقئارا فىرانسىيە رادىيوسى (RFI)»نىڭ ئاڭلىتىشىنى توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر