شىۋېتسىيەنىڭ تېررورىزمغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنى يولغا قويۇلدى
شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنى 1 – يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.
1927127

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىشنى «ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۇ تۈزىتىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن تېما ئاستىدا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «شىۋېتسىيە ئۆز ئالدىغا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تېررور، تېررورلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جەمئىيەتلەرگە ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ھەمدە خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. تېررورلۇق ئىنتايىن ئېغىر جىنايى قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئەركىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالدىكى ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغان ئاساسىي قانۇننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بۇ تۈزىتىش تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى تېررورلۇقنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى قانۇن دائىرىسىدە چەكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تۈزىتىش يەنە، قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلارنى — مەسىلەن — بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلىش، جىنايەت سادىر قىلىش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەنئى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېيىلدى.
بايانات شىۋېتسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىمۇ ھەمبەھرىلەندى.
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلسترۆم 23-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننىڭ 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، 7-مارت پارلامېنتقا جازا قانۇنى تاپشۇرىدىغانلىقلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن، شىۋېتسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىدا يېڭى جىنايى جازانىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
شىۋېتسىيە تۇپرىقىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىلسترۆم، بۇ قانۇننىڭ 2023-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پولشادىكى ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
20-مارتقىچە، ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.