ستولتېنبېرگ: غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ياردەم قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋاملىق ياردەم قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېي

1926562
ستولتېنبېرگ: غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ياردەم قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <ب ب س تۈركچە> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، رۇسىيەنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە تارتىپ كىلىشنىڭ يولىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيەدىكى قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىكنىڭ موسكۋانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىيىتى يوقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇكرائىنا قىسىملىرى يېقىنقى ئايلاردا بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى، ئەمما بىز رۇسىيەنىڭمۇ يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى مەشىق قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ <ب ب س> قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ  ئەھۋال (رۇسىيەنىڭ) ھەم ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى، ھەم يېڭى بىر ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ستولتېنبېرگ گەرچە ئۇپۇقتا تېخىچە مۇزاكىرە كۆرۈنمەيۋاتقان بولمىسىمۇ، شۇ كۈنى كەلگەندە ئۇكرائىنانىڭ ئۈستەلدە كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن غەربنىڭ ياردىمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۇكرائىناغا جىددىي ياردەم قىلىشىمىز لازىم. ھەربىي ياردەملەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. چۈنكى رۇسىيەنى مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ھېس قىلدۈرۇپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە ياۋروپادىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان  بىردىنبىر ئىش بۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر