كىم جوڭئۇن قىتئەلەر ئارا يېڭى بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېڭى يىلدا دۆلىتىنىڭ يادرولۇق قورال-ياراغ ئامبىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، يېڭى بىر قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1926207
كىم جوڭئۇن قىتئەلەر ئارا يېڭى بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم جوڭئۇن بۇ ئۇچۇرىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ پيوڭياڭنىڭ يېڭى يىللىق ئاساسلىق سىياسەت يۆنىلىشىنى بېكىتىش ئۈچۈن چاقىرىلغان ئومۇمىي يىغىنىغا يوللىدى.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە ئوچۇق دۈشمەنگە ئايلانغان ئەھۋالدا تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش چاقىرىقىدا  بولدى.

ئۇ يەنە دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى قەتئىيلىك بىلەن كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېڭى بىر قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى بالدۇرراق ئوربىتىغا قويۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە 2022 - يىلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي ئاسىيادا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى شەرق ۋە غەرب تەرەپكە ھەر خىل تىپتىكى ۋە ھەر خىل مۇساپىلىق 90 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، نويابىرنىڭ بېشىدا بىر كۈندىلا 23 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىدى.

شىمالىي كورېيە يەنە 2023 - يىلىنىڭ دەسلەپكى سائەتلىرىدىمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.  

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي كورېيەنىڭ ريوڭسوڭ رايونىدىن قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر