مېلونى ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىئا مېلونى، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1925540
مېلونى ئۇكرائىنادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ «ئانسا» خەۋەر ئاگېنتلىقى، 25 – سېتنەبىردىكى ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلىپ، 22 – ئۆكتەبىردە (2022) ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان مېلونى بىرىنچى يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېلونى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 24 - فېۋرالدىن بۇرۇن كىيېۋغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ ئۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كىيېۋغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مېلونى، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىتالىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ كاپالەتچىسى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دەسلەپكى قەدەملەرنى تاشلاشقا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان 24-فېۋرالدىن بۇرۇن كىيېۋغا بېرىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ ھەر دائىم تىنچلىق تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى، تىنچلىققا ئارزۇ قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭا تىنچلىق ئۈچۈن كونكرېت خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېلونى زېلېنسكىينىڭمۇ تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىنىشىنى خالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى چوقۇم قىلىش كېرەك. ھېچكىم ئۇرۇشنى ياقتۇرمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھەممىمىز ھەمپىكىرمىز» دېدى.

ئۇ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش مۇساپىسىدە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر