ياپونىيە يوناگۇنى ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى
ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 110 كىلومېتىر كېلىدىغان يوناگۇنى ئارىلىغا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى باياناتچىسى ئائوكى تاكېشى، دۆلىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يىراق ئاراللارنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئائوكى تاكېشى تەيۋەنگە 110 كىلومېتىر كېلىدىغان يوناگۇنى ئارىلىغا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ياپونىيە تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى سەۋەبىدىن، ياپونىيەنىڭ بۇ ئارالغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياپون چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىدىكى مەمۇرىي رايونى بولغان يوناگۇنى، «نەنسەي ئارىلى» دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان.