ياپونىيە خىتايدىن كەلگەنلەرگە ۋىرۇس تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ

ياپونىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا(Kovid-19) مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغان خىتايدىن كەلگەن كىشىلەر ئۈچۈن تاموژنىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ.

1924658
ياپونىيە خىتايدىن كەلگەنلەرگە ۋىرۇس تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتايدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي ئورگانلار ئېلان قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئوخشىماسلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ: «تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلىش ناھايىتى تەس، ياپونىيەدە ئەندىشە ئېشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ ياپونىيەگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، 30-دېكابىردىن (2022) باشلاپ خىتايدىن ياپونىيەگە كەلگەنلەردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار يەتتە كۈن، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلەر بەش كۈن كارانتىن قىلىنىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئۆتكەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتايدا كۆپىيىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئۈچۈن «بۇ خەتەرلىك كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك كۆپىيىۋاتقان ۋەقەلەردىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىككى يىلدىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چېگرا ئېغىزى ۋە تاموژنىلاردا يولغا قويغان كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئۆكتەبىردە (2022) ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر