گىرېتسىيە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
گىرېتسىيە ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى قۇتراتقۇلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1923-يىلى تۈزۈلگەن «لوزان شەرتنامىسى» ۋە 1947-يىلى تۈزۈلگەن «پارىژ شەرتنامىسى» ئارقىلىق قورالىسزلاندۇرۇلغان ئاراللارنى قوراللاندۇرغان گىرېتسىيە، بۇ ئاراللاردا مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈپ، شەرتنامىلەرگە خىلاپلىق قىلماقتا.
بۇ قېتىم گىرېتسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى كونستانتىنوس فلوروس، قوراللاردىن خالىي بولۇشى كېرەك بولغان «ئون ئىككى ئارال»غا قەدەم باستى.
كەرپە، مەئىسكە قاراشلىق كارادا ۋە فەنەردىكى ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرگەن گىرېك قوماندان، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ماھىيىتىدىكى زىيارىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلىدى.
گىرېتسىيە باش ئىشتاب باشلىقى زىيارىتى دائىرىسىدە گىرىت ۋە جەنۇبتىكى گاۋدا ئارىلىغىمۇ كىرىپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.