چېگرا ھالقىغان شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پايتەخت سېئۇل تەۋەلىكىگىچە يېتپ باردى

جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا تەۋەلكىگە دەخلى قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ پايتەخت سېئۇلغىچە ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1923989
چېگرا ھالقىغان شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پايتەخت سېئۇل تەۋەلىكىگىچە يېتپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ گيوڭگى شەھىرىگە يېقىن يەردىن دۆلەت تەۋەلكىگە كىرگەنلىكىنى، ئۇلاردىن بىرىنىڭ پايتەخت سېئولنىڭ شىمالىغىچە ئىلگىرىلەپ كەلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ قوراللىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن باياناتتا، پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەكلىك دائىرىدە توراش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى ھەمدە شىمالنىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىكىگە «قاتتىق ۋە لايىق» جاۋاب بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوزغىتىپ، تىك ئۇچارلاردىن تەخمىنەن 100 پاي ئوق ئېتىپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا زەربە بېرەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى توراش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر «KA-1» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ ۋەقەدىن يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندىن بۇيان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى كۆپەيتكەن شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا «ئېنىق ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ قارىماقتا.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى 23-دېكابىر(2022) شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر