زېلېنىسكىي خەلققە خىتاب قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىرزېلېنسكىي، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالغا قارشى تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1923466
زېلېنىسكىي خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا خەلققە سىن كۆرۈنۈشلۈك خىتاب قىلىپ، 25-دېكابىر(2022) ئۇكرائىنا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا روژدېستۋا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ھەممەيلەننىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىندىن بۇيان خېرسون شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:  «بىز ھەر بىر رۇسىيەلىك قاتىلنى تېپىپ چىقىمىز» دېدى.

بۇ يىلنىڭ (2022) ئاخىرلىشىشىغا پەقەت بىر قانچە كۈنلا قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ بۇ جەرياندا يېڭى ھۇجۇملارنى قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئارمىيەنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالغا قارشى تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر