شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى ئېغىر بولدى

ئامېرىكا، كانادا ۋە ياپونىيەدە سوغۇق ھاۋا سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1923570
شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى ئېغىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا سوغۇق ھاۋا دۆلەتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا تەسىر قىلدى. 200 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكالىق قار شىۋىرغىنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. 13 ئىشتاتتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى. بەزى رايونلاردا ھاۋا تېمپېراتۇراسى 0 دىن تۆۋەن 45 گىرادۇسقا چۈشتى. شىۋىرغان سەۋەبىدىن ئاپتوموبىللار يوللاردا قالدى.

ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاراتقۇلار قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن 26 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكادا تەخمىنەن 100 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى، نېفىت قۇدۇقلىرىنى مۇز قاپلىدى. 8 مىڭدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 25 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرىدە كېچىكىش كۆرۈلدى.

فلورىدا ئىشتاتىمۇ سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

بۈگۈندىن باشلاپ (2022-يىلى 26-دېكابىر) ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك نورماللىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

كانادامۇ شىۋىرغان ۋە قېلىن قارنىڭ تەسىرى ئاستىدا. نۇرغۇن جايلاردا ئېلېكتر ئۈزۈلۈپ قالدى. پويىز سەپەرلىرىدە ئاقساشلار كۆرۈلدى. تورونتودا نۇرغۇن ئايروپىلان سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا، مىڭلارچە يولۇچى ئايرودۇرۇملاردا قاپسېلىپ قالدى.

كانادادا مەجبۇر قالمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىق ياكى ساياھەت قىلماسلىق تەلەپ قىلىندى.

ياپونىيەدە سوغۇق ھاۋا سەۋەب بولغان بەزى ۋەقەلەردە 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 87 كىشى يارىلاندى. بەزى شەھەرلەردە قاتناش پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. يوللاردا قاتناش توختىتىلدى، پويىز قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر