زېلېنىسكى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىقى سەپلىرىدىكى نىيىتىنى كۆرۈۋاتىمىز
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدىكى نىيىتىنى كۆۈۋاتقانلىقىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1923129

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قوماندانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلىتىدە رۇسىيەگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئەھۋاللار توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تېررورچى دۆلەت (رۇسىيە) نىڭ ئوخشىمىغان ھەرىكەت شەكىللىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز. ۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدىكى نىيىتىنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز.»