ماراكەشتە پارتلاش يۈز بەردى

ماراكەشنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھەممەدىييە شەھىرىدىكى بىر تەبىئىي گاز ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى.

1922647
ماراكەشتە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەشنىڭ ئەل-ئۇمك ئەلمەغرىبى تور بېتى «ئافرىقا گاز» ناملىق شىركەتنىڭ گاز بېكى تولدۇرىدىغان مەركىزىنىڭ يېنىدىكى تەبىئىي گاز ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مۇھەممەدىييە شەھىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىلا يېرىدىن ئاڭلىنىپ كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلغان شىددەتلىك پارتلاش نەتىجىسىدە، ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، پارتلاش پەيتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنىڭ رايون ئاھالىلىرى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر