زېلېنىسكى: رۇسىيەگە قەتئىي تەسلىم بولمايمىز
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى رۇسىيەگە ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1922154
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە پالاتا ئەزالىرىغا قىلغان خىتابىدا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرىدە 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا رۇسىيەگە غالىب كەلگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بارلىق قاراڭغۇ مەنزىرىلەرگە قارىماي، ئۇكرائىنا ۋەيران بولمىدى، ئەكسىچە، ئۇكرائىنا ياشىماقتا ۋە رۇسىيەگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.»
ئامېرىكالىقلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭمۇ بۇ ئۇرۇشتا زەپەر قۇچقانلىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنىسكى: «شۇ ۋەجىدىن،، ياۋروپالىقلار نۆۋەتتە ھەردائىمقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسلارنى جەڭ مەيدانلىرىدىمۇ يېڭىشلىرى كېرەكلىكىنى ئېيتقان زېلېنىسكى، «بالىلىرىمىز ۋە نەۋرىلىمىزنىڭ قانداق بىر دۇنيادا ياشايدىغانلىقى بۇ كۈرەشكە باشلىق» دېدى.