تالىبان ئافغانىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىزلارنىڭ مائارىپىنى توختاتتى

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھافىز زىيا ھاشىم بارلىق دۆلەت ئىگىلىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ياش قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە ئەۋەتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

1921733
تالىبان ئافغانىستاندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىزلارنىڭ مائارىپىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلگىلىمىدە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپى ئىككىنچى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغۇچە توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئافغانىستاندىكى پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا قىزلارنىڭ سىنىپى، دەرس ۋاقىتلىرى ۋە ياتاقلىرى ئايرىم ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزلارنى ئوقۇشتىن توختىتىش بەلگىلىمىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس تالىباننىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئېمبارگو  بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نېد پرايس تالىباننىڭ بۇ قارارى بىلەن ئافغانىستان نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئالىي مائارىپتىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ھەر يىلى ئىقتىسادقا 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تالىباننىڭ بۇ تۆھپىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى 15 - ئاۋغۇستتا ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئالقىنىغا ئالغان تالىبان، قىزلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ياش قىز - ئوغۇللارنىڭ دەرس  ئېلىش كۈنلىرىنى ئايرىۋەتكەن ئىدى. قىزلار ئۆز نۆۋېتى بولغان كۈنلەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالايتتى. ئەمما قىزلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويمىغان ئىدى.

تالىبان ئەمەلدارلىرى قىزلار مەكتەپلىرىنىڭ «ئىسلام رامكىسى ئىچىدە» قايتا تەشكىللىنىدىغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، تېخىچە مەكتەپلەر ئېچىلمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر