پېرۇ پىرېزىدېنتىنىڭ تۈرمىگە  تاشلىنىشىغا قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى

پېرۇدا پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللو 7 - دېكابىردا (2022) قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن باشلانغان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى.

1921111
پېرۇ پىرېزىدېنتىنىڭ تۈرمىگە  تاشلىنىشىغا قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ، يېڭى پىرېزىدېنت دىنا بولۇئارتېنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ۋە تۈرمىدىكى كاستىللونىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پېرۇ سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نامايىشتا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 26 گە كۆپەيگەنلىكى، 61 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلۈملەر سەۋەبىدىن 17 - دېكابىردا 2 مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ۋە  يېڭى پىرېزىدېنت دىنا بولۇئارتېنىڭ سايلامنى 2023 - يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈش تەكلىپى قۇرۇلتايدىكى بېلەت تاشلاشتا رەت قىلىنغان ئىدى.

پېرۇنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كاستىللو 7 - دېكابىردا قۇرۇلتاي تەرىپىدىن «مەڭگۈلۈك ئەخلاقىي يېتەسىزلىك» بىلەن  ئەيىبلىنىپ،  ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

كاستىللونىڭ يەنە، «ئاممىۋى فۇنكسىيەنى ئىگەللىۋىلىش، دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇن تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پېدرو كاستىللو قۇرۇلتاينى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەتلىك جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى قۇرۇش قارارىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

كاستىللو 7 - دېكابىردا قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامايىش باشلانغان ئىدى.

كاستىللو ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولىۋارت 8 - دېكابىردا دۆلەتنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە  قەسەم بەرگەن ئىدى.

بولۋارتنىڭ سايلاملارنى 2023 - يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈش تەكلىپى قۇرۇلتايدا ئۆتكۈزۈلگەن  بېلەت تاشلاشتا رەت قىلىنغان ئىدى.

پېرۇ مىقياسىدا نامايىشلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا 14 - دېكابىردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر