«مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ «قىزىلئەلما» ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنى خەۋەر قىلدى

دۇنيا تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى «بايراقتار قىزىلئەلما» تۈرىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە.

1921331
«مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ «قىزىلئەلما» ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنى خەۋەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان مۇداپىئە ژۇرنىلى « Defense News/ مۇداپىئە خەۋەرلىرى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى بايراقتار قىزىلئەلمانىڭ سىناق ئۇچۇشى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.

خەۋەردە، «كۈرەشچى ئايروپىلان 10 ئاي ئىچىدە پىروتوتىپتىن تۇنجى ئۇچۇش باسقۇچىغا ئۆتتى» دېگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق  «قىزىلئەلما»نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش سۈرئىتىگە ئالاھىدە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

خەۋەردە، يېڭى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان ئۈچۈن «ئۇچقۇنىڭ تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى بايراقدار پاراخوتى  LHD ئانادولۇنىڭ، ھەمدە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تايانچ كۈچى بولۇشىدىن ئۈمىد بار» دېگەن ئىبارىلەر قوللىنىلدى.

«مۇداپىئە خەۋەرلىرى» يەنە ،قىزىلئەلمانىڭ بايقار شىركىتىنىڭ 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرغان ئالاھىدە تۈرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە، قىزىلئەلما ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئوق -دورا توشۇش، ئۇچۇش ئېگىزلىكى ۋە سۈرئىتى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكادا تارقىتىش بېرىۋاتقان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ۋە «فوربېس» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ ئالدىنقى ھەپتە قىزىل ئالما تۈرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى تارقاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر