ئامېرىكانىڭ ئارىزونا ئىشتاتىغا كېتىۋاتقان يولۇچى ئايروپىلانىدا 36 يولۇچى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدىن ھاۋاينىڭ پايتەختى ھونولۇلۇغا كېتىۋاتقان يولۇچى ئايروپىلانى ئېغىر داۋالغۇشقا ئۇچراپ، 36 يولۇچى يارىلاندى.

1920685
ئامېرىكانىڭ ئارىزونا ئىشتاتىغا كېتىۋاتقان يولۇچى ئايروپىلانىدا 36 يولۇچى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى يەرلىك ۋە دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ھونولۇلۇ ئايرودورومىغا تەخمىنەن 30 مىنۇت قالغاندا ئايروپىلان كەم ئۇچرايدىغان ئېغىر داۋالغۇشقا دۇچار بولۈپ، ئايروپىلاندىكى 278 يولۇچى ۋە 10 خادىمدىن  11 نەپىرى ئېغىر، جەمئىي 36 كىشى يارىلانغان.

ھاۋاي ئاۋىئاتسىيەسى شىركىتىنىڭ تىۋىتتېردا ھەممبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئايرودورومدا يارىلانغانلارغا دەسلەپكى تىببىي ياردەملەرنىڭ بېرىلگەنلىكى، بەزى يولۇچىلارنىڭ تېزدىن يەرلىك دوختۇرخانىلارغا يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھونولۇلۇدىكى يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى 14 ئايلىق بىر بوۋاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 يارىداردىن بەزىلىرىنىڭ بېشىدىن ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، يەنە بەزىلىرىدە كېسك، ئىششىق، كۆڭلى ئايىنىش ۋە خۇدىنى يوقۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر