رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونىدىن بىرسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ئىركۇتسك رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1920423
رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز رايونىدىن بىرسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىركۇتسك رايونىنىڭ ماركوۋىسكىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەيدانىدىكى زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

بىر كىشى يارىلانغان ئوت ئاپىتى 1 گېكتاردىن ئارتۇق يەرگە كېڭەيگەن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى نەق مەيدانغا يوللانغان.

ماركوۋىسكىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەيدانىنىڭ ئولتۇراق رايوندىن 2.5 كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقانلىقى مەلۇم.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي نېفىت شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان ئىركۇتسك نېفىت شىركىتىگە تەۋە  بۇ زاۋۇت 1962 - يىلدىن بېرى پائالىيەتتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر