زېلېنسكىي رۇسىيەنى روژدېستۋادىن ئىلگىرى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تەبرىكلىنىدىغان روژدېستۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.

1918398
زېلېنسكىي رۇسىيەنى روژدېستۋادىن ئىلگىرى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي گېرمانىيە نۆۋەتچى رەئىس بولۇۋاتقان G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىغا سىنلىق قاتناشتى.

ئۇ بىر قانچە ئايدىن بۇيان رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئۇكرائىناغا قىلىنغان ھەربىي، سەھىيە، ئىجتىمائىي ۋە مالىيە ياردەملىرى سەۋەبىدىن G7 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھەممىڭلاردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بۇ ھەمكارلىقلارنى كېلەر يىلىمۇ (2023) داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى سورايمەن. رۇسىيە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەر داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك سىستېمىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان قورال-ياراغ ياردەملىرىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئاچقۇچلۇق ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، پەقەت ئۇكرائىنانىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ ئېنېرگىيە ئاپىتىگە قاراپ ئىتتىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سىلەرنى تەبىئىي گاز مەسىلىسىدە ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى كۆپەيتىشكە تەكلىپ قىلىمەن.»

ئۇ ئۇكرائىنا ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنى مەسىلىنى كونكرېت ھەل قىلىش مۇساپىسى ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە دۇنيا مىقياسىدا تەبرىكلىنىدىغان روژدېستۋا بايرىمىنى خاتىرىلەتتى ۋە بايرام كۈنلىرىدە رۇسىيەنى ئارمىيە قىسىملىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.

ئۇ رۇسىيەگە تەكلىپ قىلىنغان مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئورۇندالغان ئەھۋالدا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەمدى موسكۋادىن خەۋەر كۈتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر