رۇسىيە: ئەسكەرلىرىمىزنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرمەيمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئۇكرائىنادىن چېكىنىش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1918476
رۇسىيە: ئەسكەرلىرىمىزنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنا تۇپراقلىرىدىن چېكىندۈرۈش چاقىرىقى توغرىسىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن يىل بېشىغىچە چېكىنمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «بۇنداق ئېھتىماللىق يوق» دېدى.

ئۇ يەنە، تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ «ئەمەلىيەت» نى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەقىقەتلەر رۇسىيەگە يېڭى رايونلارنىڭ قېتىلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇلارنى نەزەردە تۇتماستىن مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر