ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1917568
ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىسې سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ماكرون تېلېفوندا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۇكرائىنانىڭ 10 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى تەكلىپىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماكرون بىلەن زېلېنسكىي سۆھبەتتە يەنە، پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۇكرائىنانىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى» تېمىلىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر