سېربىيە: تۈركىيە بالقان رايونىدىكى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ئىتتىپاقداش دۆلەت

سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ تۈركىيەنى غەربىي بالقان رايونىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى ئىتتىپاقداش دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1916757
سېربىيە: تۈركىيە بالقان رايونىدىكى تىنچلىقنى قوغدىغۇچى ئىتتىپاقداش دۆلەت
Aleksandar Vucic-Sentop.jpg
Aleksandar Vucic.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇچىچ، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پارلامېنت  ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان 60 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگرادقا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ، شەنتوپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مېھمىنىمىز، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىممەتلىك دوستلۇم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قىزغىن سالام يوللىدىم.»

شەنتوپ بىلەن تۈركىيە – سېربىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، دۆلىتىدىكى تۈرك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ۋۇچىچ، تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىدا زور رول ئوينايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سېربىيە تۈركىيەنى غەربىي بالقان رايونىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى، پەقەت سېربىيەنىڭلا ئەمەس، رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئۇل ئەسلىھە لايىھەلىىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان ئىتتىپاقداش دۆلەت دەپ قارايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر