نېتانياھۇ ھېرزوگدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بېنيامىن نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

1916842
نېتانياھۇ ھېرزوگدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قانىلى — كان، بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھېرزوگدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۇددىتىنى ئىككى ھەپتە ئۇزارتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نېتانياھۇ ھېرزوگقا: «ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېگەن.

باشقا تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن خەۋەردە، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىنىڭ نېتانياھۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ھېرزوگنىڭ نېتانياھۇغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن مۆھلىتى 11-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى توشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر