موسكۋادىكى بىر تاللا بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر تاللا بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى.

1916686
موسكۋادىكى بىر تاللا بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋادىكى بىر تاللا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 18 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئوت ئاپىتىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى، ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئوت ئاپىتى جەريانىدا تاللا بازىرىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر