كايكونېن: فىنلاندىيە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى چۈشىنىدۇ

فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتتى كايكونېن (Antti Kaikkonen) تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1916911
كايكونېن: فىنلاندىيە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى چۈشىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتتى كايكونېن رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئىنتايىن ياخشى سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭمۇ، مىنىستىر خۇلۇسى ئاقارنىڭمۇ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ تىراگېدىيەلىك ئۇرۇش تېز ئاخىرلاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ئەمما بىز تىنچلىق قانچىلىق بالدۇر ئورنىتىلسا شۇنچىلىك ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمىز» دېدى.

ئۇ خۇلۇسى ئاقار بىلەن فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ھەمدە مادرىدتا ئىمزالانغان فىنلاندىيە-شىۋېتسىيە-تۈركىيە ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئىجابىي ۋە ياخشى مۇھىتتا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ھەقىقەتەن توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە فىنلاندىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشەنسە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق گۇمان يوق» دېدى.

ئۇ ناتوغا ئەزا بولغان ئەھۋالدا فىنلاندىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى ھەربىي كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ۋە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى فىنلاندىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «يادرو قوراللىرى توغرىسىدىكى دەتالاشلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىمىز. بۇلارنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدا بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز. ناتو فىنلاندىيەگە يادرو قوراللىرىنى ئەۋەتمەيدۇ. بۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر