بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئەندىشەلىرى بار

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە مۇھىم خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ ئەندىشەلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇ جەرياندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1916798
بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئەندىشەلىرى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستو ۋە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىللسترۆم بىلەن كۆرۈشۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئانتونى بلىنكېن فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئىتتىپاقدىشى بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزالىق مۇساپىسىنى كېچىكتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىلگىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ، بۇ ئىككى دۆلەتكە ئوخشاش تېز بولمىغانلىقىنى ۋە مۇساپىنىڭ ئۇيغۇن شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بۇ مۇساپىدە مۇھىم خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ئەندىشەلەرنى كونكرېت قەدەملەر نەتىجىسىدە تۈگىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ناتو بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كېلىشىملەرنى تۈزدى. تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشەلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا، مەن بۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىشلار مۇۋاپىق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ ۋە بىز ئۇلارنى پات ئارىدا ئەزا سۈپىتىدە كۆرىمىز.»

ئۇ ئامېرىكانىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ ئارىلاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مەسىلە ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ناتوغا ئەزا قوبۇل قىلىشتا، پۈتۈن ئىتتىپاقنىڭ داخىل بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىغا ياردەم قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاۋىستو بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللسترۆم پات ئارىدا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۆلگۈچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىۋېتسىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەر ۋە كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر