رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىنى ئىگىلىۋېلىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلارنى قوشۇۋېلىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1916563
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىنى ئىگىلىۋېلىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى يېڭى رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش پىلانىنىڭ بار - يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «كۈنتەرتىپتە بۇنداق ئىش يوق. ھېچ بولمىغاندا، بۇ يۆنىلىشتە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى، ئەمما يەنىلا مەۋجۇت رايونلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. رۇسىيەگە يېڭىدىن قوشۇلغان بەزى رايونلارنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى جايلىرىنى ئازاد قىلىش كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

پېسكوۋ، كىيېۋ ھۆكۈمىتى خالىغان تەقدىردە، توقۇنۇشلارنى ئەتىلا توختىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پېسكوۋ، قوشۇۋېلىنغان قىرىم ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «خەتەر داۋاملاشماقتا. چۈنكى ئۇكرائىنا تەرەپ تېررورلۇق ھۇجۇمى تەشكىللەش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما كېلىۋاتقان ئۇچۇرلار ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭمۇ يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېدى.

ئۇ، موسكۋانىڭ رۇسىيە نېفىتىگە ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى قويۇش سىياسىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىزنىڭ تەييارلىقلىرىمىز تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر