ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق كونا شەھەر رايونىنى قورشاۋغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق كونا شەھەر رايونىنى قورشاۋغا ئالدى.

1916000
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق كونا شەھەر رايونىنى قورشاۋغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نابلۇسقا بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكى كونا شەھەر رايونىنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان ۋە كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى تاقىغان.

خەۋەردە رايوندا تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئۇق ئاۋازلىرى ئاڭلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆزلىرىگە «پەلەستىندىكى شىر ئۆڭكۈرى» دەپ نام قويىۋالغان بىر گۇررۇپپا تۈنۈگۈن كونا شەھەر رايونىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا قارشى تەييار ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يېقىندىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ھۇجۇم ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بېسىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلەرگە كاۋچۇك ئوقلاردىن سىرت، ھەقىقىي ئوقلارنىمۇ ئىشلەتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن غەربىي قىرغاقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر