ئامېرىكا ھەر يىلى تەخمىنەن 300 دىن 800 گىچە روھىنگالىق پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

باڭلادىش 1 مىليون روھىنگالىق پاناھلانغۇچى ياشاۋاتقان كوكىس بازىرى رايونىدىن ئامېرىكانىڭ ھەر يىلى تەخمىنەن 300 دىن 800 گىچە پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1915801
ئامېرىكا ھەر يىلى تەخمىنەن 300 دىن 800 گىچە روھىنگالىق پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاق ئابدۇل مۆئمىن پايتەخت داككادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىرىنچى باسقۇچتا 62 نەپەر روھىنگالىق پاناھلانغۇچىنى 8 - دېكابىردا (2022) ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلان قىلىندى.  ئامېرىكا يەنە ھەر يىلى 300 دىن 800 گىچە روھىنگالىق پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى» دېدى.

ئاق ئابدۇل مۆئمىن: «مەن ئامېرىكا مەسئۇلىغا بۇنىڭ پەقەت كىچىك بىر گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، ئامېرىكا مەسئۇلى <بۇ پەقەت دەسلەپكى بىر باشلانغۇچ> دەپ جاۋاب بەردى» دېدى.

ئابدۇل مۆئمىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن 4 - ئاپرېلدا (2022) ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكادىن روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ھەمدە مەنسەپدېشىنىڭ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇل مۆئمىن باڭلادىشنىڭ ئۈستىدىكى پاناھلانغۇچىلار بېسىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 100 مىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپلەرنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان كوكىس بازىرى رايونى 2017 - يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن بىرمادىكى زۇلۇم ۋە بېسىمدىن قېچىپ كەلگەن 1 مىليونغا يېقىن روھىنگالىق مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر