رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1915982
رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغۇسى قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

ئەتە (پەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىشى پىلانلىنىۋاتقان ۋېرشىنىن جۈمە كۈنى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر