پۇتىن ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

1916083
پۇتىن ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن ئال نەھياننىڭ نېفىت بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە كۈنتەرتىپتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ئوپېك ۋە ئوپېك سېرتىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان «ئوپېك+» گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئوپېك+ گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ يەر شارى نېفىت بازىرىدا مۇقىملىق ياراتقانلىقى تەكىتلەندى.

سۆھبەت جەريانىدا، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىغا يۇقىرى باھا ئۆلچىمى قويۇشقا ئۇرۇنۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، بولۇپمۇ ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسى مۇناىسۋەتلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر