گېرمانىيەدە يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىلدى

گېرمانىيەدە ئەتىگەندە پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 25 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1915823
گېرمانىيەدە يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى گۇماندارلارنى «گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە 1871 - يىلدىكى گېرمانىيە ئىمپېرىيەسىنى ئۈلگە ئالغان بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئىچىدە سابىق ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر