بىلسترۆم: ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلسترۆم، دۆلىتىنىڭ شىۋېتسىيە - تۈركىيە - فىنلاندىيە ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1916099
بىلسترۆم: ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلسترۆم، دۆلىتىنىڭ 28-ئىيۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيە - تۈركىيە - فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو بىلەن ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بىلسترۆم، شىۋېتسيە خەۋەر ئاگېنتلىقى —TT غا بايانات بەردى.

شىۋېتسىيە، تۈركىيە ۋە فىنلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان ناتو يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرىسىدا توختالغان بىلسترۆم: «بىز ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە  ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. ۋەدىلىرىمىزنى ئورۇنداشقا تىرىشىۋاتىمىز، كېلىشىمنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر بار» دېدى.

دۇنيادا بىخەتەرلىكنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بىلسترۆم، شۇنىڭ ئۈچۈن، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ بالدۇرراق ناتوغا ئەزا بولۇشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر