ئۇكرائىنا شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئاشلىق يوللاشنى باشلىدى
ئۇكرائىنا ئۇزۇندىن بۇيان قۇرغاقچىلىقنى باشتىن كۆچۈرىۋاتقان شەرقىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئاشلىق يوللاشنى ناشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس- ئەبېبەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئافرىقاغا ئاشلىق توشۇغان تۇنجى پاراخوت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئافرىقاغا ئاشلىق توشۇغان تۇنجى پاراخوتنىڭ جىبۇتىغا يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ئاشلىق يەتكۈزۈشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىدىن مۇستەقىل ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى، كېلەر ھەپتە ئېفىيوپىيە ۋە سومالىغا ئاشلىق ئەۋەتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاشلىق يۆتكەشنىڭ ئېفىيوپىيە، جەنۇبىي سۇدان، سومالى، كونگو، كېنىيە ۋە يەمەن قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىگە دۇچار بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىران پىرېزىدېنتى تۇنجى قېتىم ئىراقتا زىيارەتتە بولدى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان تۇنجى قېتىم ئىراقتا زىيارەتتە بولدى.