خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا تور ھۇجۇمى قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا تارمىقى خىتاينىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1915505
خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا تور ھۇجۇمى قىلدى
siber saldiri.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا تارمىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تورھۇجۇملىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنىڭ 5 - ئۆكتەبىردە (2022) بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى تەكىتلەندى.

تور ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئورگان پائالىيىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

كۆز قاراشلىرى باياناتقا كىرگۈزۈلگەن باش كاتىپ كېتتى نىۋىياباندى سىستېمىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇمنىڭ پەقەت خىتاي ۋە خوڭكوڭغىلا چېتىشلىق  ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قانچە خىتاي پائالىيەتچىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېتتى نىۋىياباندى باياناتىدا، «دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى ئاقسىتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇشى ۋە مەخپىي نازارەت قىلىشقا تىرىشىشىنىىڭ تۈپ نىشانى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىنلىكىنى ياخشى بىلەتتۇق» دېدى ۋە بۇنداق ھۇجۇم ئۇرۇنۇشلىرىدىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، پائالىيەتچىلەرنىڭ، خادىملارنىڭ، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ھەسسىدارلارنىڭ خۇسۇسىي مەلۇمات مەخپىيەتلىكى بىلەن بىخەتەرلىكىگە زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان تور بىخەتەرلىك شىركىتى «Recorded Future» 2022 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراش ئېھتىمالى يۇقىرى تەشكىلاتلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندەپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر