كىرىستېرسون: شىۋېتسىيە تېررورلۇق بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون، دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1915119
كىرىستېرسون: شىۋېتسىيە تېررورلۇق بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون، شىۋېتسىيەدىكى تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى نالىن پېكگۇلنىڭ، تېررورچىلارنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدىكى مەكتۇپىغا جاۋاب بېرىپ: «شىۋېتسىيە تېررورلۇق بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك» دېدى.

كىرىستېرسوننىڭ پېكگۇلغا يازغان جاۋاب مەكتۇپىدا: «تېررورلۇق ۋەقەلىرى، تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ياكى باشقا جىنايەتلەرگە ئارىلاشمىغانلارنىڭ قورقۇشىغا كېرەك يوق. ئەمما، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىز شىۋېتسىيە سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇق بازىسىغا ئايلىنىشىغا يول قويمايمىز. بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ئوخشاشلا، تۈركىيەنىڭمۇ تېرورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى مەيدانىم ئىزچىل ئېنىق بولۇپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيە ۋە فىنلاندىيە بىلەن ئىمزالىنغان ناتو كېلىشىمىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىرىستېرسون، باشقا پارتىيەلەرنىڭمۇ بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنى قوللىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە، 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا قوللاۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئەنقەرە نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشمدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر