دۇنيادا خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ھەر 5 كىشىدىن ئاز دېگەندە1 كىشى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا
ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) دۇنيا مىقياسىدا خىزمەت ئورنىدا ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلارنىڭ يېشى، جىنسى ۋە رايونلىرى بويىچە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى 121 دۆلەتتىن 15 ياشتىن يۇقىرى 75 مىڭ خىزمەتچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەييارلىغان «خىزمەتتىكى زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق كەچۈرمىشلىرى: تۇنجى خەلقئارا تەكشۈرۈش» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا، خىزمەت ئورنىدا ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلارنىڭ يېشى، جىنسى ۋە رايونلىرى بويىچە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.
دوكلاتتا ھەر 5 خىزمەتچىدىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ (تەخمىنەن%23) خىزمەت ئورنىدا جىسمانىي، روھىي ۋە جىنسىي زوراۋانلىققا ياكى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
سۆھبەتكە قاتناشقان ئەر - ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ %17.9 ى پىسخىكىلىق زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان.
خىزمەتچىلەرنىڭ %8.5 ى جىسمانىي زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان. ئەر خىزمەتچىلەر بۇنداق ئەھۋالغا تېخىمۇ كۆپ دۇچار بولغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىكىرلىرى ئېلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ %6.3 ى، بولۇپمۇ ئاياللار جىنسىي زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان.
خىزمەت ئورنىدىكى زوراۋانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق ۋەقەلىرى ئامېرىكادا ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن. ئامېرىكادىن قالسىلا ئافرىقادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن.